شىنجاڭ نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 16:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا قاراماي شەھىرىنىڭ شىنجاڭ نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى باشلىشى، «قاراماي شەھىرى شىنجاڭ نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزىنىڭ ئىمكانىيەتلىك تەتقىقات دوكلاتى»نى تۈزۈشىگە قوشۇلدى، بۇ شىنجاڭ نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىناق رايونى، شىنجاڭ نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقى خىزمىتىدىكى كونكرېت ئىسلاھات مەزمۇنى. قاراماي شەھىرىنىڭ شىنجاڭ نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى باشلىشى دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ «شىنجاڭ مەركەز قىلىنغان نېفىت-تەبىئىي گاز سودا مەركىزى قۇرۇش، شىنجاڭ خەلقئارا (ئوتتۇرا ئاسىيا)ئېنېرگىيە سودا مەركىزى قۇرۇشنى تەتقىق قىلىش»قا ئالاقىدار تەلەپلىرىگە، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشىگە ئۇيغۇن. سودا مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش، شىنجاڭنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.