يىپەك يولى مەدەنىيەت سەپىرى پائالىيىتى باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-08 16:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

«يىپەك يولى داڭلىق تاللانما ئەسەرلەر توپلىمى» تۈنۈگۈن بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى. بۇ ئەسەرلەر توپلىمىنى جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھى شىركىتى خەنزۇچە نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان بولۇپ، 14 نەپەر داڭلىق ئەدەبىياتچىنىڭ نادىر ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، خەنزۇچە نەشرىياتى مەخسۇس «يىپەك يولى مەدەنىيەت نەشرىيات مەركىزى» نى تەسىس قىلىپ، «يىپەك يولى ئەسەرلەر توپلىمى» دىن 20 خىلغا يېقىن تارقاتقان. بۇ قېتىم نەشردىن چىققان « يىپەك يولى داڭلىق تاللانما ئەسەرلەر توپلىمى»دا نەسرى ئەسەر شەكلىدە، ئەدەبىياتچىنىڭ خاس كۆزىتىشى ۋە قەلىمى بىلەن ئېلىمىزنىڭ يىپەك يولى بويىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ بىر يۈرۈش «مەدەنىيەت ماركىسى» نامايان قىلىنغان.

«يىپەك يولى مەدەنىيەت سەپىرى» چوڭ تىپتىكى پائالىيىتى شۇ كۈنى باشلاندى. پائالىيەت ئەسەرلەر توپلىمى مۇندەرىجىسى بويىچە، جايلارغا يىپەك يولى بويىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەتلەرنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىدۇ، 1- مەيدان پائالىيەت 5-ئاينىڭ ئاخىرى شەنشىدە باشلىنىدۇ.