شىنجاڭنىڭ تاشقورغاندا يۈز بەرگەن 5.5 بال يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى خەرىتىسى ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-14 16:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى تۈنۈگۈن «شىنجاڭنىڭ تاشقورغاندا يۈز بەرگەن 5.5 بال يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى خەرىتىسىنى» ئېلان قىلدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىكنىڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تارمىقى بولۇپ ئالتە ئورۇندىكى 49 خادىم ئايرىم ئايرىم توققۇز يېزا بازار مەيداندىكى 65 تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈردى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى 4 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولۇپ ئومۇمىي كۆلىمى 3288 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، توققۇز يېزا بازار مەيدان ئاپەتكە ئۇچرىغان. شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېيخۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش تېيىز مەنبەلىك سوزۇلما يېرىلىش بولۇپ، تەكشۈرۈشتە يەنە 8-دەرىجىلىك بىنورمال تەۋرەش نۇقتىسىنىڭ زىيان ئەڭ ئېغىر بولغان قۇرغۇن كەنتى ئىكەنلىكى بايقالدى، يۇرتداشلار ئۆزى سالغان ئۆيلەرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ يېتىم كېلىپ چىققان.

خۇ ۋېيخۇا كىشىلەرگە مۇنۇلارنى سەمىگە سالدى: «ئاپەتتىن كېيىنكى پىلانلاش ياكى قايتا قۇرۇشتا جەزمەن يېرىلغان جايدىن نېرى تۇرۇشىمىز كېرەك، يەرلىك ھۆكۈمەتكە بۇ جەھەتتە تېخنىكا مەدىتى بەرسەك بولىدۇ.» ئالدىنقى سەپ جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى جىددىي تاقابىل تۇرۇش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق 8 خىزمەت گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە كېچىلەپ 1212 ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرىنى تىكتى، ئاپەتكە ئۇچرىغان 3361 كىشىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى، 12 ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ ھەممىسىگە توك ۋە سۇ يەتكۈزۈلدى. تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ۋاڭ يەنجې مۇنداق دېدى: «داۋاملىق پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرلۈك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەۋاتىمىز، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تاماق يېيەلىشى، سۇ ئىچەلىشى، تۇرىدىغان جايى بولۇشى، كىيىدىغان كىيىمى بولۇش، قورسىقىنىڭ ئېچىپ قالماسلىقى، توڭلاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»