شىنجاڭ سالامەتلىك بويىچە نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى باشلىۋەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-15 16:56

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

خالمان نىلقا ناھىيەلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ كونا كېسەلمىنى، نەچچە يىل ئىلگىرى جياڭسۇلۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر ئۇنىڭ چىگىش كېسىلىنى داۋالىغانلىقتىن، ئۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان دوختۇرنىڭ سادىق چوقۇنغۇچىسى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ سالامەتلىك كۈتۈنۈش قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ كېسەل داۋالىتىشقىلا ئەمەس، يەنە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسى – دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە، نامرات نوپۇس 20 مىڭدىن ئاشىدۇ، كېسەللىك سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەللىك سەۋەبلىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشكە قارىتا، شۇ جاي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، سالامەتلىك ئالدىن بولۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، جياڭسۇلۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمىدە چەت ياقى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا دوختۇر ۋە دورا يەتكۈزۈش، خالىس ۋە سەييارە دىياگنوز قويۇش، سالامەتلىك تەشۋىقات تەربىيەسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قارىشى تىرىشىپ كۈچەيتىلدى.

نىلقا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زورا خاسىن مۇنداق دېدى: پۈتۈن ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان، كارتا تارقىتىلغان نامرات نوپۇسنىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىگە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ھەق تاپشۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلانغانلىقتىن، پۈتۈن ناھىيەدىكى ياردەم قوبۇل قىلغان دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار يېزا بازار دوختۇرخانىلىرىغا ئۆمەك تەشكىللەش شەكىلىدە ياردەم بېرىش قانات يايدۇرۇلۇپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئېغىر كېسەللىرىنى ناھىيەدە، يېنىك كېسەللىرىنى يېزىدا داۋالىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ يىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىشى، كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ئىشلىرىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەرگەنلىكتىن، شۇ جايدىكى چىگىش،ئېغىر كېسەللەر ئىشىكى ئالدىدا كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان، كېسىلىنى ياخشى كۆرسىتەلەيدىغان بولدى، بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش مىقدارى، چىگىش كېسەللەرنى داۋالاش مىقدارىنى ئاشۇردى، يۆتكەپ داۋالىتىش نىسبىتى، پۇقرالارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ،ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پېيئەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى سالامەتلىك كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ، ئېغىر كېسەللەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر تۈرلەرگە ئايرىپ داۋالىتىلىپ، 2020-يىلىغىچە يېزىلاردىكى نامرات ئېغىر كېسەللەرنىڭ داۋالىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى داۋالىتىش، بىرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.