ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تاموژنا ئايرىش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:01

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تاموژنا ئايرىش مەركىزى يېقىندا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ مەركەزدە ئاساسلىقى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت – ئېكسپورت كەسپى، شەخسىي بۇيۇملارنىڭ چېگرادىن كىرىپ – چىقىشىنى باشقۇرۇش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپلەر بېجىرىلىدۇ. بۇ شىنجاڭنىڭ ئايروپورت چېگرا پورتىدىن پايدىلىنىپ قانات يايدۇرغان تۇنجى قېتىملىق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭ «ياۋا ئات» ياۋروپا – ئاسىيا سودا چەكلىك شىركىتى بۇ تۈردىن نەپكە ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرى، مەركەز تىجارەت باشلىغان كۈنى بۇ شىركەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 تالونلۇق مېلى تاموژنا ئايرىش مەركىزىدە تاموژنىغا مەلۇم قىلىنىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئارقىلىق قازاقىستانغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى. بۇ شىركەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى باش نازارەتچىسى ۋېي شىڭلىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شىركىتىمىزنىڭ قازاقىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلىرى كۆپىنچە شەخسىي پوچتا يوللانمىسى شەكلىدە يوللىناتتى. ھازىر مال زاكاز تالونى كەلگەن ھامان شىركەتنىڭ زاكاز تالون سانلىق مەلۇماتى بىلەن تاموژنا مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە ئايرودۇرۇم تەكشۈرۈش مەركىزىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇلاپلا، تاموژنا ئايرىش مەركىزىدىن بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلالايدىغان بولدۇق.

ئىگىلىشىمچە، بۇ مەركەزنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە جۇجياڭ دېلتىسىدىن ياۋروپا، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا يوللىنىدىغان كىچىك پوسۇلكىلار بۇ مەركەزدىنلا تاموژنىغا مەلۇم قىلىنىدىكەن، بۇ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھازىرقى خەلقئارا لىنىيەلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى خەلقئارا (رايون) ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.