شىنجاڭ ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىدا "ئۈچ بىر تۈركۈم" ھەرىكەت پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-10 18:38

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭ ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىدا "ئۈچ بىر تۈركۈم" ھەرىكەت پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باھارگۈل سەمەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قۇرلۇشىدا "ئېغىر كېسەللىكلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈمنى داۋالاش، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر توختاملىق مۇلازىمىتىنىڭ بىر تۈركۈمىنى باشقۇرۇش، بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللكىلەرگە كاپالەتلىك قىلىش"دىن ئىبارەت ئۈچ بىر تۈركۈم ھەرىكەت پىلانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېغىر كېسەل ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بويىچە، تۈر ۋە تۈركۈم بويىچە داۋالىنىدۇ، ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش ھەربىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، يەنە نامراتلىشىش ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ.

ئېغىر كېسەللىكلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاش جەھەتتە، شىنجاڭ ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشنى باشقۇرۇش سانلىق ئامبىرىدا ئارخىبى تۇرغۇزۇلغان يېزىلاردىكى نامراتلار، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار ۋە تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىلىرى ئىچىدە قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، توغرا ئۈچەي راكى، بالىلار ئاق قان كېسىلى، بالىلار تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە ئاخىرقى باسقۇچلۇق بۆرەك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر بىمارلارنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇپ، يەككە كېسەل تۈرىگە قاراپ ھەق ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىمارنىڭ ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجىتىنى ئازايتىدىكەن.