مەركەز مالىيەسى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تولۇقلىمىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-11 18:15

مەركەز مالىيەسى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تولۇقلىمىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئاھالىلارغا تەقسىملەپ بەردى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 16 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە، مەركەز مالىيەسىدىن ئىككى تۈركۈمدە جەمئىي 3 مىليارد 270 مىليون يۈەن ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەرگە تەقسىملەپ بەردى، مەبلەغنىڭ مۇھىم نۇقتىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئاھالىلەرنى يۆلەش بولدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى مالىيە تارماقلىرى يېقىندا تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش تارماقلىرى بىلەن مەركەز مالىيەسىنىڭ بۇ يىللىق ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىمىسىنىڭ بىر مىليارد 950 مىليون يۈەننى ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلەرگە تەقسىملەپ بەرگەن. فېۋرالدا تۇنجى تۈركۈم بىر مىليارد 320 مىليون يۈەن تولۇقلىما مەبلىغى جايلارغا چۈشۈرۈپ بېرىلگەن.

ئىككى تۈركۈمدىكى مەبلەغنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، يېزىلاردىكى تارقاق ئالاھىدە نامراتلار، نامرات مېيىپلار ئائىلىلىرى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان كارتا تارقىتىلغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار تولۇقلىما ئوبيېكتلىرىنى ئېلان قىلىشى، مەبلەغنى ئاشكارا ئىشلىتىشى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باھاسىنى ئېلان قىلىشى ۋە ئائىلىلەرگە ئاشكارا تارقىتىشى، تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالىلەر ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يېتەرلىك يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.