ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئۆزگىچە تەبرىكلەندى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-11 18:41

9-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇاڭ پەنپەن تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىسى قەدرىيە مەمەت سوۋغا قىلغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق سوۋغاتنى قوبۇل قىلماقتا.

9 - سېنتەبىر قەدرىيە مەمەت سىنىپىدىكى ساۋاقداشلارغا ۋاكالىتەن خۇاڭ پەنپەن مۇئەللىمگە بايراملىق سوۋغات بەردى ۋە مۇئەللىمىنىڭ بۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە، تۆككەن قان-تەرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.بۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل شەكىلدە مۇئەللىملىرىنىڭ 33-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.