ئۈرۈمچىدە يېڭى ئەسكەرلەر ھەربىي سەپكە ماڭدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:00

ئەسكەرلىككە كىرگەن 104 نەپەر ياش رەتكە تىزىلماقتا

ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى 9-سېنتەبىر 2017-يىللىق يېڭى ئەسكەرلەرنى ھەربىي سەپكە ئۇزىتىش يىغىنى ئاچتى. سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ شەرتكە مۇۋاپىق كەلگەن 104 نەپەر ياش ئەسكەرلىك تۇرمۇشىنى باشلاش ئۈچۈن گازارمىغا ماڭدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرگەن 51 نەپەر ئالىي مەكتەپتىكى ئىستۇدېنت ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتقا ھەربىي سەپكە كىرىش مۇكاپات پۇلى تارقىتىلدى.