ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە 12-سېنتەبىردىن باشلاپ گاز توختايدۇ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:04

ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە 12-سېنتەبىردىن باشلاپ ۋاقىتقا بۆلۈنگەن ئاساستا ئۈچ كۈن گاز توختايدۇ.

مۇخبىرنىڭ 11-سېنتەبىر شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق گاز تەمىنلەشنى توختىتىش خىزمىتى شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى ۋە يېقىلغۇ گاز ئابۇنىچىلىرىغا گاز يەتكۈزۈشكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىكەن.

گاز توختايدىغان كونكرېت بۆلەك رايون ۋە يول بۆلەكلىرى ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: 12-سېنتەبىر سائەت 23:00تىن 13-سېنتەبىر سائەت 08:00 گىچە بەخت يولى (داۋان يول ئېغىزىدىن مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىگىچە)، بەخت يولى شىمالىي 3-كوچىسى، بەخت يولى شىمالىي 2-كوچىسىدا گاز توختايدۇ.

13-سېنتەبىر سائەت 22:00 دىن 14-سېنتەبىر سائەت 08:00 گىچە جىنجۇ يولى (بېيجىڭ يولىدىن تيەنجىن يولىغىچە) دا گاز توختايدۇ.