مەركەز ئاجراتقان «ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش »تولۇقلىما مەبلىغى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلارغا يېڭى...
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:09

مەركەز ئاجراتقان «ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش »تولۇقلىما مەبلىغى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلارغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ھەربىر ئاھالىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 مىڭ يۈەن توغرا كېلىدىغان ئۆلچەمگە ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى ئىككى تۈركۈمدە ئاجراتقان جەمئىي 3 مىليارد 270 مىليون يۈەن «ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى تولۇقلىما مەبلىغىنى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەرگە تەقسىملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەرنى مەبلەغ ئارقىلىق نۇقتىلىق يۆلىگەن.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە تارماقلىرى يېقىندا ئولتۇراق ئۆي ۋە قۇرۇلۇش تارماقلىرى بىلەن بىرگە، مەركەز مالىيەسى بۇ يىل 2-تۈركۈمدە «ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاجراتقان 1 مىليارد 950 مىليون يۈەن مەبلەغنى ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلەرگە تەقسىملىگەن بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى 1 مىليارد 320 مىليون ياردەم مەبلىغىنى ھەر قايسى جايلارغا تارقىتىپ بولغان.

ئىككى تۈركۈمدە ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار، يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپلار ۋە ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان تۆت دەرىجىلىك نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ئاجرىتىلىدىكەن.