شىنجاڭ قاناس ئايرودرومى 10-ئاينىڭ بېشىدا تاقىلىدۇ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:41

مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا قاناس ئايرودرومىدىن ئىگىلىشىچە، قاناس ئايرودرومىدا بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا قاتناش توختىتىش مۆلچەرلەندى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت رايونى مەخسۇس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 15-ماي ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلى كېلىشى بىلەن قاناس ئايرودرومىدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، «ئۆكتەبىر ئالتۇن ساياھەت مەزگىلى»نىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن ئايرودروم تاقىلىدىكەن.

2007-يىلى قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، قاناس ئايرودرومىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ساياھەتچىلىك يۇقىرى پەللىسىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالغان، 2017-يىلى جەمئىي 2133 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، 88 مىڭ 686 يولۇچى (ئادەم/قېتىم) توشۇلغان، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر تارىختىكى ئەڭ دەرىجىسىگە يەتكەن. ئايرودرومنىڭ ساياھەت قاتناش تۈگۈنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە چۇڭچىڭ-قاناس لىنىيەسى ئېچىلىپ، يولۇچىلار مىقدارى تارىختا ئەڭ كۆپ بولغان.