شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇشى بىڭتۈەنىدىكى نەچچە مىڭ مو لويلا پىشىپ رەڭدار تۈسكە كىردى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 17:04

ئالتۇن كۈز پەسلىدە جۇڭگو-قازاقىستان چېگرىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10-دېۋىزىيەسى 185-تۈەنى تېرىغان 4700 مو لويلا ئىزغىرىن كۈز شامىلىدا يەلپۈنۈپ، يېشىل، قىزىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق ھەرخىل رەڭلەرگە كىردى، بۇ رەڭدار لويلىلار دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى ئاقكۆلگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئاندېس تاغلىق رايونى لويلىنىڭ ئەسلى ماكانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، مېۋە رەڭگى قارا، قىزىل، ئاق قاتارلىق ھەرخىل رەڭلەردە ئىكەن.