تېتىما كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى يېرىملاشتى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 14:24

قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تېتىما كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى(8-سېنتەبىر تارتىلغان سۈرەت)

تېتىما كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدىكى تۈگۈن قۇرۇلۇش بولۇپ، 2014-يىلى ئىش باشلانغان. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ كۆۋرۈكنى نۆۋەتتە شىنجاڭ بويىچە چات ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئاددىي تىرەكلىك تۆمۈريول كۆۋرۈكى، دېيىشكە بولىدۇ. يېقىندا كۆۋرۈكنىڭ تىرەكلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ياسىلىپ بولۇندى، بۇ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ يېرىملاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.