شىنجاڭ 5-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا 210 ئوقۇغۇچى ماھارەت...
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 14:25

شىنجاڭ 5-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا 210 ئوقۇغۇچى ماھارەت كۆرسەتتى

2017-يىللىق «شۈنفېي لوڭقىسى» ئاپتونوم رايونلۇق 5-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 12-سېنتەبىر باشلاندى. 15 ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 210 نەپەر ماھىر بۇ مۇسابىقىدە «قوش تىل» ئۆگىنىشتىكى تالانتىنى نامايان قىلدى.

بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى ۋە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى گۇرۇپپا دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، 17-سېنتەبىردىن 22-سېنتەبىرگىچە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك ئىناق-ئىجىل كەيپىياتى «قوش تىل» مائارىپىدا نامايان قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىدىكى ئاساسىي مېلودىيە ياڭرىتىلدى. 2006-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون داۋاملىق تۈردە «قوش تىل» مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۆت تۈردە سەككىز نۆۋەت مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن.