لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولى ئېچىلىش تەسىرىدە شىنجاڭدىكى قىسمەن ساياھەت پويىزلىرىنىڭ بېلىتى ۋاقتىنچە...
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 14:27

لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولى ئېچىلىش تەسىرىدە شىنجاڭدىكى قىسمەن ساياھەت پويىزلىرىنىڭ بېلىتى ۋاقتىنچە سېتىلىشتىن توختىدى

مۇخبىرىمىزنىڭ شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريول لىنىيەسى ئېچىلىشنىڭ تەسىرىدە 12-سېنتەبىردىن باشلاپ قىسمەن ساياھەت پويىزلىرىنىڭ بېلىتى سېتىلىشتىن توختىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭغا كىرىدىغان، چىقىدىغان 64 نۆۋەتچى پويىز، شىنجاڭنىڭ ئىچىدە قاتنايدىغان 71 نۆۋەتچى پويىز بار بولۇپ، كونكرېت بېلەت سېتىشنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى كېيىن ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن.