شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ ساغلاملىق يولى ياسىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 16:55

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پەيزىۋات ناھىيەسى شاپتۇل بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئالىم سىدىق خۇشاللانغان ھالدا: بۇ ئىككىنچى قېتىم ھەقسىز بەدەن تەكشۈرتۈشۈم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى پۇقرالارنى ھەقىقىي نەپكە ئىگە قىلدى دېدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر تۈرلۈك داۋالاش ئارقىلىق پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش مۇھىم قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئومۇم خەلق ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ داۋالاش سەھىيە ئىشلىرى داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىگە كىردى. داۋالاش ئارقىلىق پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىمۇ داۋاملىق زورايدى. ئومۇم خەلق ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈش ئومۇملاشتى ھەمدە ئىككىنچى قېتىم يولغا قويۇلدى. ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى ئېغىر كېسەللەر، سوزۇلما كېسەللەر، كېسىلى ئېغىر نامراتلارغا بەخت ئېلىپ كەلدى. ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورىغا تەننەرخ قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش يۈرۈشلۈك ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ساغلاملىق يولى ئېچىپ بەردى.

2016-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى شىنجاڭدىكى بارلىق شەھەر بازار ئاھالىسىنى بىر قېتىم ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلاشنى قارار قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولاي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بەدەن تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنى ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلىگە يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇم خەلق بەدەن تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەرگەن ۋەدىسى. 344 مۇتەخەسسىستىن تەركىب تاپقان 82 داۋالاش ئەترىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى نوپۇسى كۆپ چوڭ ناھىيەلەر، چەت يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، داۋالاش سەھىيە بايلىقى نىسپىي كەمچىل ناھىيە شەھەرلەرگە بۆلۈنۈپ بېرىپ، ياردەم بەردى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ يىل 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇم خەلق ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تەخمىنەن1 مىليارد 499 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، بەدەن تەكشۈرۈش نىسبىتىنى %100 گە يەتكۈزدى؛ بۇ ئاساستا 2-نۆۋەتلىك ئومۇم خەلق بەدەن تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتتى، بۇ قېتىمقى بەدەن تەكشۈرۈشكە 1 مىليارد 785 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى.