شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخى مەسىلىنى تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 10:03

شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخى مەسىلىنى تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى 12-، 13-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە سۆھبەت خاتىرىسىدە شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئەستايىدىل جاۋاب بېرىلدى، ھەمدە مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ئېلىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت بىرلىككە كېلىش قېلىپى ئېلىمىزنىڭ چىن-خەن سۇلالىرىدىن بۇيان ئاساسەن شەكىللەنگەن تارىخى ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكى؛ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىناق ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر قايسى مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى؛ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا ئېلىنىڭ مەدەنىيلىك تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ شىنجاڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقان رايون، دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىدىكى تارىخىي تەجرىبە. بۇ تۈپ كۆز قاراشلار شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى بولۇپمۇ تارىخ ساھەسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ بىر قانچە تارىخىي مەسىلە ھەققىدىكى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ئىگە قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقى، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، سۆزلەش ھوقۇقىنى ئىگىلىشىنى مۇھىم ئوي-پىكىرگە ئىگە قىلدى.

يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خاتىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداش باش نىشانىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر كۆڭلىنى مايىل قىلىش چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتىدىن چەتنىمەي، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش ئېنىق پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، تۈپتىن ياخشىلاپ، شىنجاڭدىكى تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن قاتارلىق تەرەپلەردىكى خاتا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.