ش ئۇ ئا ر نىڭ سانجى شەھىرى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن تېز سۈرئەتلىك يول ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-05 15:37

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى شەھىرىدىكى مىنچاڭ مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما گوجۇڭ: «تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قېلىپى ئارقىلىق بانكىدىن 5 مىليون يۈەن قەرز ئالدۇق، بۇ پۇل شىركىتىمىزنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى، دېدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كارخانىنىڭ 300 خىزمەتچىسى بار ئىكەن، شىركەت ئىشلەپچىقارغان سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك، دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە سېتىلىدىكەن. ئەمما ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىپ، بازارنىڭ كاساتلىشىشى بىلەن كارخانىنىڭ پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ، كۆچمە مەبلەغ جىددىيلىشىپ، بانكىغا قەرز قايتۇرۇش بېسىمى داۋاملىق ئاشقان.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2015-يىلىنىڭ باشلىرىدا پائال ئىزدىنىپ، «تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت بىرىكمە تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغان، سۇغۇرتا كاپالەتلىك قىلىدىغان، بانكا قوللايدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قېلىپىدا، قەرز ئالغان شىركەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئورگىنى ۋە سۇغۇرتا شىركىتىگە مۇناسىپ ئىلتىماس ماتېرىيالىنى سۇنغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت، بانكا، سۇغۇرتا شىركىتى بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ، كارخانىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىن قوللايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر 457 كارخانا «تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» كارخانا ئىسكىلاتىغا كىرگەن. سانجى ئوبلاستلىق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دۇڭشىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قېلىپى پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتى بولۇپ، ئاساسلىقى سۇغۇرتا كاپالىتى ۋە خېيىم-خەتەر تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك مەبلەغ تىرەك بولىدىكەن، پۇل مۇئامىلە سەپلىمە بايلىقى ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ قېلىپ ئارقىلىق، 10 مىليون يۈەن بىلەن 100 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئىشلىتىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدىكى گۆرۈگە قويۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.

سانجى ئوبلاستىغا ئوخشاش، ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن كۈچلۈك قوللاپ، رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتمەكتە.