ش ئۇ ئا ر نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەت، گۈل-گىياھ كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-08 17:03

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «غەربتىكى كۆچەت شەھىرى» دېگەن نامى بار قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەت، گۈل-گىياھ كەسپىنى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم كەسىپ قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ئىلمىي پىلانلاش، يۆلەشنى كۈچەيتىش، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، كۆچەت، گۈل-گىياھ كەسپىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمگە تەڭ ئېرىشىشتەك يېشىل تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

بۇ ئىككى كۈندە، ئەرشىلىدەن بازارلىق ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدىكى كۆچەتچى چېن شۈنىڭ كۆچەتلىكىدە ئىشچىلار كۆچەت قېزىش بىلەن ئالدىراش بولدى، ئۇلار ئۈچ مىڭ تۈپ كۆچەتنى قارامايغا ئاپىراتتى. بۇنى 9-ئايدا ئېچىلغان 6-نۆۋەتلىك كۆچەت، گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسىدە زاكاز قىلغان.

كۆكەرتىش كۆچەتلىرىنى يەككە ئۆستۈرۈش، سېتىشتىن، مەنزىرە دەرىخى ۋە تەشتەك مەنزىرە كۆچەتلىرىنى سېتىشقىچە، قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەت كەسپىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرمەكتە. كۆچەتچى ۋۇ كېخۇڭ بۇ يىلدىن تارتىپ تەشتەك مەنزىرىگاھى بەرپا قىلىشقا باشلىدى، ھازىر تەشتەك مەنزىرىگاھىدا 200 مەنزىرە تەشتىكى بار، ئۇ يەنە مېۋىلىك دەرەخ تەشتەك مەنزىرىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپەيتىش بازىسى بەرپا قىلىپ، كۆچەتنىڭ تېخىمۇ زور قىممىتىنى ياراتماقچى.

قۇتۇبى ناھىيەسىدە، كۆچەتچى ۋۇ كېخۇڭغا ئوخشاش كۆچەت ئۆستۈرىدىغانلاردىن 30 مىڭى، ئۇلارنىڭ 281 كۆچەتزارلىقى بار، مەركىزىي رايوندىكى كۆچەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 80 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. كۆچەت ئۆستۈرۈش ئارقىلىق دېھقانلار بېيىپلا قالماستىن، بەلكى شەھەرمۇ يېشىللاشتى. قۇتۇبى ناھىيەسى بەش چوڭ شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يىل بويى يېشىل تۇرىدىغان، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە گۈل ئېچىلىدىغان، شەھەر بىلەن مەنزىرە بىرىكىپ كەتكەن، خاسلىقى روشەن شەھەر مەنزىرىسى بەرپا قىلماقتا.