ئۆزبېكىستان ئالىمى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەينەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى خەلقئارا سىياسىي ۋە تارىخ-پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمەت يېقىندا تاشكەنتتە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو شىنجاڭ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئەينەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ، دېدى.

ئىسمەت مۇنداق دېدى: مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەردى. مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى مەملىكەت بويىچە تەڭ قەدەمدە ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق تۈرلەرنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە كەينى-كەينىدىن قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈردى. شىنجاڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خەنزۇ تىلى مائارىپىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، بۇ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

ئىسمەت مۇنداق دەپ قارىدى: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە نىسبەتەن، جۇڭگو بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن چېگرالىنىدىغان جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنتايىن مۇھىم. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىغا ئاكتىپ قاتناشتى. بىر بەلباغ، بىر يول رامكىسى ئاستىدا، شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىمىز.