شىنجاڭدىكى چوڭ، ئوتتۇرا كۆمۈر كانلارنىڭ نىسبىتى %80 تىن ئاشىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13 12:08

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 31-ئۆكتەبىرگىچە، شىنجاڭدا 112 كۆمۈر كان تاقالغان ۋە چېكىندۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ يىللىق كۆمۈر مەھسۇلات ئىقتىدارى 11 مىليون 450 مىڭ توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %98 ى ئورۇنلانغان، بۇ يىل كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى چوڭ، ئوتتۇرا كۆمۈر كانلارنىڭ نىسبىتى %80 تىن ئاشىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، شىنجاڭ بويىچە 113 كۆمۈر كان شاللىنىدۇ، تاقىلىدۇ ۋە چېكىندۈرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ يىللىق مەھسۇلات ئىقتىدارى 11 مىليون 600 مىڭغا توننىغا يېتىدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ گەۋدىلەندى، كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تەدرىجىي ئۆستى، كۆمۈر باھاسى مۇقىم ئۆرلىدى، كۆمۈر كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى.