11-نويابىر نۇرغۇن تاۋارلار شىنجاڭدىن بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە سېتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13 17:34

دۆلەت ئىچىدە توققۇزىنچى 11-نويابىر قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەندە بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىستېمالچىلارمۇ ئىنتېرنېت ئارقىلىق بۇ تاۋار سېتىۋېلىش دولقۇنىغا كىردى، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش مەركىزىنىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەر جۇڭگو تاۋارلىرىنى شىنجاڭدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈپ، تېز سۈرئەتتە بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈشنى تاللىدى.

شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە جايلاشقان بەيشى شىنجاڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش مەركىزى بۇ يىل 1-ئايدا ئىشقا كىرىشىپ، خەلقئارا پوسۇلكىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش مەركىزىدە نازارەتتە تۇردى ھەمدە مەخسۇس خادىملارنى نەق مەيداندا 24 سائەت تۈرلۈك تاموژنا كەسپىنى بېجىرىشكە ئورۇنلاشتۇردى.

نۆۋەتتە بۇ مەركەز 11-ئىيۇلدا ئالدىن سېتىلغان مال زاكىسىدىن 200مىڭدىن كۆپرەكىنى قوبۇل قىلدى، بۇ ماللار ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېتىلغان بولۇپ، مال تۈرى باتارېيە، زەرەتلىگۈچ،قول چىراغ، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق يېنىك سانائەت بۇيۇملىرىنى ئاساس قىلىدۇ.