ئۈرۈمچى بىلەن سانجى مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بولۇپ باھالاندى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 16:20

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭنى يادرو قىلغان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ھەرقايسى جايلاردا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكىلوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى، شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاھالىلىرى ئەخلاقلىق، مەدەنىي، ئىناق شەھەر قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش نەتىجىسىدە خىزمەت ئاساسى پۇختا، بەرپا قىلىش ئۈنۈمى گەۋدىلىك، ئامما يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىدىغان، مەملىكەت بويىچە ئۈلگىلىك رول ئوينايدىغان ئىلغار تىپلار مەيدانغا كەلدى. مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى مول نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، ھەرقايسى جايلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتىسيالىزىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ مەدەنىي شەھەر قۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەركىزىي مەنىۋىي مەدەنىيلىك كومىتېتى بۇ يىل مەملىكەتلىك 5-نۆۋەتلىك مەدەنىي شەھەرلەرنى باھالىدى، تەقدىرلىدى، شۇنداقلا ئىلگىرى «مەدەنىي شەھەر» قىلىپ باھالانغان شەھەرلەرنى قايتا تەكشۈردى.

2017-يىلى 8-ئايدىن بۇيان مەركىزىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسى مەركىزىي مەدەنىيلىك كومىتېتىنىڭ 2017-يىلى ئېلان قىلىنغان «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر باھالاش سىستېمىسى»غا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىش، ئۆلكە دەرىجىلىك ياخشىلىرىنى كۆرسىتىش، مەركەزدىكى مىنىستىرلىك، كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈشى، ئۇنىۋېرسال باھالاشقا تەشكىللەش، شەھەر ئاھالىلىرىدىن پىكىر ئېلىش، ئۇنىۋېرسال نومۇر قويۇش، ئاخبارات ۋاستىلىرى مەركەزلىك ئېلان قىلىش قاتارلىق باھالاش تەرتىپلىرى بويىچە مەملىكەتلىك 5-نۆۋەتلىك مەدەنىي شەھەرلەرنى تاللاش خىزمىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ تەشكىللەش، نەق مەيداندا يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سوئال قەغىزى چىقىرىپ تەكشۈرۈش ۋە توردا ماتېرىيال تەكشۈرۈش قاتارلىق 3 خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تاللاشقا قاتناشقان 166 شەھەرنى باھالاپ، باھالاشقا قاتناشقان شەھەرلەرنىڭ 2015-، 2016-، 2017-يىللىرىدىكى باھالاش نەتىجىسى تەرتىپىگە ئاساسەن مەركىزىي مەدەنىيلىك كومىتېتىنىڭ باھالىشىغا سۇنۇپ مەملىكەتلىك 5-نۆۋەتلىك مەدەنىي شەھەرلەر تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركىزىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەۋسىيە قىلىش، مەركەزدىكى مىنىستىرلىك، كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈشى، قايتا باھالاش، تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق قايتا تەكشۈرۈش تەرتىپىلىرى بويىچە ئىلگىرى مەدەنىي شەھەر بولۇپ باھالانغان شەھەرلەرنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەش، مەركىزىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسى چىقارغان توردا ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيلىك ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇلغان نەق مەيداندا يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سوئال قەغىزى چىقىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىلگىرى مەدەنىي شەھەر قىلىپ باھالانغان شەھەرلەرنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلىپ، مەركىزىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى. تۆۋەندە مەملىكەتلىك 5-نۆۋەتلىك مەدەنىي شەھەرلەر تىزىملىكى ۋە قايتا تەكشۈرۈلگەندە يەنىلا مەدەنىي شەھەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان شەھەرلەر تىزىملىكى بىلەن تونۇشىمىز.

مەملىكەتلىك 5-نۆۋەتلىك مەدەنىي شەھەرلەر تىزىملىكى (جەمئىي 89):

ئۆلكە مەركىزى (5):

شەندوڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرى، خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى.

بىۋاستە قاراشلىق شەھەر رايونلىرى (4):

شاڭخەي شەھىرى شۈخۈي رايونى، شاڭخەي شەھىرى جيادىڭ رايونى، چۇڭچىڭ شەھىرى جياڭبېي رايونى، بېيجىڭ شەھىرى توڭجۇ رايونى.

ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر (30):

جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇچيەن شەھىرى، شەندوڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەيبېي شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجۇ شەھىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى پەنجىن شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسى سۈينىڭ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبۇ شەھىرى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى يىچۈەن شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈەنچېڭ شەھىرى، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭتەن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى توڭلياۋ شەھىرى، شەندوڭ ئۆلكىسى لەيۋۇ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى گەنچەن شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسى شيەنياڭ شەھىرى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونى شىزۈيشەن شەھىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسى لۇجۇ شەھىرى، جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھىرى، گۇيجۇ ئۆلكىسى زۈنيى شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئەنچىڭ شەھىرى، گەنسۇ ئۆلكىسى جيايۈگۈەن شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى پۇتيەن شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن شەھىرى، جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھىرى.

ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ۋە ناھىيەلەر (50):

شەندوڭ ئۆلكىسى جياۋجۇ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى دەنياڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى جۇجى شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى خەينىڭ شەھىرى، شەندوڭ ئۆلكىسى شوۋگۇاڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى چاڭشىڭ ناھىيەسى، جېجياڭ ئۆلكىسى يىشىڭ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىن شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسى گوڭيى شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭشۇ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسى داڭتۇ ناھىيەسى، خۇنەن ئۆلكىسى شاۋشەن شەھىرى، شەندوڭ ئۆلكىسى لەيجۇ شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسى يىدۇ شەھىرى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى بولو ناھىيەسى، شەندوڭ ئۆلكىسى روڭچېڭ شەھىرى، جاڭسۇ ئۆلكىسى لىياڭ شەھىرى، شەندوڭ ئۆلكىسى رۇشەن شەھىرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى ئېتوك خوشۇنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى تيەنچاڭ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى رۇگاۋ شەھىرى، جىلىن ئۆلكىسى مېيخېكوۋ شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسى يوڭچېڭ شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسى شىشيا ناھىيەسى، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ ناھىيەسى، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەسى، خېنەن ئۆلكىسى چيوڭخەي شەھىرى، يۈننەن ئۆلكىسى تېڭچوڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى يۈياۋ شەھىرى، سەنشى ئۆلكىسى شياۋيى شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسى فېڭشيەن ناھىيەسى، خېبېي ئۆلكىسى چيەنئەن ناھىيەسى، خېبېي ئۆلكىسى چاڭيۈەن ناھىيەسى، يۈننەن ئۆلكىسى ئەننىڭ شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسى جىدەن ناھىيەسى، فۇجيەن ئۆلكىسى شىشى شەھىرى، جىلىن ئۆلكىسى دۇنخۇا شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسى چاۋخۇ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى توڭلۇ ناھىيەسى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى لوڭمېن ناھىيەسى، فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇپىڭ ناھىيەسى، خۇبېي ئۆلكىسى دايې شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى رۈيئەن شەھىرى، شەندوڭ ئۆلكىسى لوڭكوۋ شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى جىنجياڭ شەھىرى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى سىخۇي شەھىرى، چۇڭچىڭ شەھىرى جوڭشيەن ناھىيەسى، فۇجيەن ئۆلكىسى شاشيەن ناھىيەسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىنىڭ جۇڭغار خوشۇنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سانجى شەھىرى.

قايتا تەكشۈرۈشتە ئىلگىرىكى مەدەنىي شەھەر نامىنى ساقلاپ قالغان شەھەر ۋە رايونلار (83):

بېيجىڭ: شىچېڭ رايونى، دوڭچېڭ رايونى، جاۋياڭ رايونى، خەيديەن رايونى؛

تيەنجىن: خېپىڭ رايونى، خېشى رايونى؛

خېبېي: تاڭشەن شەھىرى؛

سەنشى: چاڭجى شەھىرى؛

ئىچكى موڭغۇل: باۋتۇ شەھىرى، ئوردوس شەھىرى، مەنجۇلى شەھىرى؛

لياۋنىڭ: داليەن شەھىرى، شېنياڭ شەھىرى؛

جىلىن: چاڭچۈن شەھىرى؛

خېيلوڭجياڭ: داچىڭ شەھىرى، خاربىن شەھىرى، سۇيفېنخې شەھىرى؛

شاڭخەي: پۇدوڭ يېڭى رايونى، جىڭئەن رايونى، چاڭنىڭ رايونى، فېڭشيەن رايونى؛

جياڭسۇ: نەنجىڭ شەھىرى، نەنتوڭ شەھىرى، سۇجۇ شەھىرى، ياڭجۇ شەھىرى، چاڭجۇ شەھىرى، جېنجياڭ شەھىرى، ۋۇشى شەھىرى، تەيجۇ شەھىرى، جاڭجياگاڭ شەھىرى؛

جېجياڭ: نىڭبو شەھىرى، خاڭجۇ شەھىرى، جياشىڭ شەھىرى، شاۋشىڭ شەھىرى، ۋېنجۇ شەھىرى؛

ئەنخۇي: مائەنشەن شەھىرى، خېفېي شەھىرى، توڭلىڭ شەھىرى، ۋۇخۇ شەھىرى؛

فۇجيەن ئۆلكىسى: شيامېن شەھىرى، فۇجۇ شەھىرى، سەنمىڭ شەھىرى، چۈەنجۇ شەھىرى، گەنجۇ شەھىرى؛

شەندوڭ ئۆلكىسى: چىڭداۋ شەھىرى، يەنتەي شەھىرى، زىبو شەھىرى، ۋېيخەي شەھىرى، ۋېيفاڭ شەھىرى، دوڭيىڭ شەھىرى؛

خېنەن ئۆلكىسى: جېڭجۇ شەھىرى، لوياڭ شەھىرى، شۈچاڭ شەھىرى، پۇياڭ شەھىرى، جىيۈەن شەھىرى؛

خۇبېي: يىچاڭ شەھىرى، ۋۇخەن شەھىرى؛

خۇنەن: چاڭشا شەھىرى، چاڭدې شەھىرى، يۆياڭ شەھىرى، جۇجۇ شەھىرى؛

گۇاڭدوڭ: شېنجېن شەھىرى، جوڭشەن شەھىرى، خۇيجۇ شەھىرى، دوڭۋەن شەھىرى، گۇاڭجۇ شەھىرى، فوشەن شەھىرى؛

گۇاڭشى: نەننىڭ شەھىرى؛

چۇڭچىڭ: يۈبېي رايونى، يۈجوڭ رايونى، نەنئەن رايونى؛

سىچۈەن: چېڭدۇ شەھىرى، ميەنياڭ شەھىرى، گۇاڭئەن شەھىرى؛

گۇيجۇ: گۇيياڭ شەھىرى؛

شىزاڭ: لاسا شەھىرى؛

شەنشى: شىئەن شەھىرى، باۋجى شەھىرى؛

گەنسۇ: جىنچاڭ شەھىرى؛

نىڭشيا: يىنچۈەن شەھىرى؛

شىنجاڭ: قاراماي شەھىرى، كورلا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى.