شىنجاڭ بەش نېفىت تەبىئىي گاز قىدىرىش تەكشۈرۈش رايونىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ۋىۋىسكا ئېسىش شەكلى ئارقىلىق ئاشكارا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-06 17:43

مۇخبىرنىڭ 5-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ نېفىت تەبىئىي گاز تەكشۈرۈش ئېچىش ئىسلاھات سىنىقى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،دۆلەتلىك زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەشكىللەپ يولغا قويۇشىنى ھاۋالە قىلغان؛ شىنجاڭ زېمىن بايلىقى سودىسى مەركىزى تارىم ئويمانلىقى كەلپىن غەربىي رايونى قاتارلىق بەش نېفىت تەبىئىي گاز قىدىرىش تەكشۈرۈش رايونىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ۋىۋىسكا ئېسىش شەكلى ئارقىلىق ئاشكارا ئۆتۈنۈپ بېرىدىكەن. بۇ قېتىمقى ۋىۋىسكا ئېسىش ئېلانىنىڭ ۋاقتى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولىدىكەن.