شىنجاڭدا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئېلېكتىر تورى كارخانىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇداپىئە ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:15

مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتىدىن ئوقۇشىچە، يېقىندا شىنجاڭنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش قائىدىسى-ئېلېكتىر تورى» ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغان، 2018-يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن، بۇ شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش مۇداپىئە سېلىنمىسى ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىككە كەلگەن قائىدە خاراكتېرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئېلېكتىر تورى كارخانىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇداپىئە ئۆلچىمى ھېسابلىنىدىكەن.