قاغىلىق ناھىيەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:17

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تورىنىڭ رەسمىي بېكىتىشىچە، 7-دېكابىر سائەت يەتتىدىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىگەن، سائەت توققۇزغىچە، ئۆلۈم-يېتىم ھەققىدە دوكلات تاپشۇرىۋېلىنمىغان.

يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ قاغىلىق ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 244 كىلومېتىر، گۇما ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 227 كىلومېتىر، خوتەن ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 241 كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر تەۋرىگەندە، خوتەن ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرى تەۋرەش سېزىمىنى ھېس قىلغان، بەزىلەر ھەتتا سىلكىنگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان.

مۇخبىرنىڭ قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكومدىن ئوقۇشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى چېگرا رايونغا يېقىن ئىكەن، يەرلىك تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن چېگرا يېزىسىنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتكەن. ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم ھەققىدە دوكلات تاپشۇرىۋېلىنمىغان، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان. قاغىلىق ناھىيەسى پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، تەكلىماكان بىلەن تۇتۇشىدۇ، شىنجاڭدىن ئالى ۋىلايىتىگە بارىدىغان مۇھىم يول، ئومۇمىي نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ.