قاراسۇ كەنتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 10:42

قاراسۇ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەنۋەرجان تۇردى، گەي نىمەن خەۋىرى، فوتوسى: خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بارۇن خارمودۇن بازىرى قاراسۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشكىللىشىدە، 9-فېۋرال بۇ كەنتتە تۇنجى نۆۋەتلىك يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. يېڭىدىن ياسالغان كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت ئۆيىگە پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار ئىسىلىپ، سەرخىل نومۇرلار ئورۇندىلىپ، ئامما بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.