شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئالقىشقا ئېرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 18:17

چاغان يېقىنلاپ قالغاندا، يېڭى كالا-قوي گۆشى، قۇرۇق مېۋە، قېتىق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارلاردا ئالقىشقا ئېرىشتى، كۈنىگە يۈز نەچچە توننا شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى ئايروپىلان بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلدى.

11-فېۋرال، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ مال تىرانسپورتى بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشچە، 20-يانۋاردىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تىرانسپورت بۆلۈمى كۈنىگە 100 توننىدىن كۆپرەك كالا-قوي گۆشى، قۇرۇق مېۋە، قېتىق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى توشۇغان، مال مىقدارى كۈندىن كۈنگە كۆپەيگەن، بۇ مال تىرانسپورتىنىڭ چاغانلىق يۇقىرى دولقۇنىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى مال پونكىتىنىڭ شۇجىسى خەن گوخۇڭ تونۇشتۇرۇپ: شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، شاڭخەي، شېنجېن، چاڭشا، شىنياڭ، خاربىن قاتارلىق شەھەرلەرگە ئايروپىلان بىلەن توشۇلدى، دېدى.

ۋاكالەتچى جاۋ ئەپەندى مۇنداق دېدى: سۈت، قېتىق، يېڭى گۆش، مېۋە قاتارلىق چاغانلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىستېمالچىلار تالىشىپ ئېلىۋاتىدۇ، ھازىر ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ، ئادەتتە ئەتىگەندە مال سالساق، چۈشتىن كېيىن مەنزىل ئايرودۇرۇمىدىن ئالغىلى بولىدۇ.