شىنجاڭدا تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇملار كۆپەيدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-12 09:54

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى - چۆچەك - غۇلجىغا بېرىپ - كېلىدىغان، قەشقەر-غۇلجا-ئالتايغا بېرىپ كېلىدىغان ئىككى تارماق لىنىيەنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، تاشقورغان، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا «ئاسماندا تورى»نى بەرپا قىلىدىكەن.

ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەرلەر ئارىسىدا يولۇچىلارنىڭ بېرىپ كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىلىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى بىرقانچە چوڭ مۇھىم ساياھەت شەھەرلىرى ئۈچۈن ھاۋا بىۋاسىتە تېز يولى ئېچىلىپ، ھەر قايسى جايلار ئوتتۇرىسىدىكى خادىملار ئالاقىسى، سـودا ئالاقىسى، ساياھەت - ئىستىراھەت ئىشلىرىنى قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

پەسىل ئالماشقاندىن كېيىن، يېڭىدىن ئېچىلغان ئىككى ھاۋا لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم، يەنى دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى E90 بەلگىلىك ئايروپىلان قاتنايدۇ.