غۇلجا كانچىلىق رايونىنىڭ شىمالىي رايون ئىلى 4-نومۇرلۇق كۆمۈركان تۈرى دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-11 18:07

 

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، غۇلجا كانچىلىق رايونىنىڭ ئىلى 4-نومۇرلۇق كۆمۈر كان تۈرى دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن. بۇ تۈرنىڭ تەستىقلىنىشى شىنجاڭدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كانلىرىنىڭ بازا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈرچىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

غۇلجا كانچىلىق رايونىنىڭ شىمالىي رايون ئىلى 4-نومۇرلۇق كۆمۈر كان تۈرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان. ئىلى يېڭى كان كۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، يىلىغا 6 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئىشلىتىش مۇددىتى 120.01 يىل بولىدىكەن. سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 3 مىليارد 797 مىليون يۈەن. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، شىنتيەن كۆمۈر-خىمىيە سانائىتىنىڭ يىلىغا 2 مىليارد كۇب مېتىرلىق كۆمۈر گازى بىلەن تەمىنلەش تۈرىنىڭ كۆمۈر ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى كېيىنكى قەدەمدە ئىلى ئوبلاستلىق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇننىڭ تۈر قۇرۇلۇشى شارائىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بايلىق ئېچىش رەسمىيىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە قارىتا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر بازىرىنىڭ تەمىنلەش - ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقى ۋە كۆمۈر كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.