«پىيادە كېسىپ ئۆتۈش» شىخەنزىدە سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-11 18:08

 

خۇاپەي كىنوچىلىقى (شىنجىن) چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېقىندا شىخەنزە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن، بىڭتۈەن تارىخىي ماتېرىيال قىلىنغان «پىيادە كېسىپ ئۆتۈش» شىخەنزە شەھىرىدە سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى.

«پىيادە كېسىپ ئۆتۈش» بىڭتۈەنلىك يازغۇچى فېڭ شوۋنىڭ «غەربتىكى سەددىچىن» ناملىق رومانى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، شىخەنزە بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى مەنزىرە قىلىپ تاللانغان.

كىنودا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەن قوشۇنىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ خوتەننى ئازاد قىلغانلىقى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىنىپ، باش پېرسوناژنىڭ مۇھەببەت، ياردەم، ئايرىلىش بىلەن ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئۆمرىدىن كېيىنكى قايتا ئۇچرىشىش تەسۋىرلەنگەن تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان بولۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدىكى قىزغىن تۇرمۇشى، ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ «شىنجاڭنى سۆيۈش، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش» تەك بىڭتۈەن روھى جۇلالاندۇرۇلغان.