شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ساياھەت رايونلىرى ئەتىيازلىق ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-13 17:47

مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭدىكى قىسمەن ساياھەت رايونلىرىدىن ئىگىلىشىچە، مول ھەم سەرخىل ئەتىيازلىق ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ.

تۇرپانغا ساياھەتكە بارسا لىنىيەگە يېرىم باھا ئېتىبار قىلىنىدۇ

4-ئايدا تۇرپاننىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، نەشپۈت چېچىكى ۋە شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلىشقا، قۇملۇققا بېرىشقا، يالقۇنتاغقا چىقىشقا، يارغول قەدىمىي شەھىرىنى سەيلە قىلىشقا ماس كېلىدۇ.

تۇرپان بىر تۇتاش ساياھەتچىلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ما جۈنجېنىڭ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن، تۇرپاندىكى 14 لىنىيەدىكى ساياھەت رايونلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بېلەت باھاسىدا يېرىم باھا ئېتىبار قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە لىنىيە سىرتقى مەنزىرە نۇقتىسى 8 يۈەن/ئادەم (تۇيۇق يېزىسى، قۇمتاغ قۇملۇقى باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ قوشقان مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ.

1 يۈەنگە چىلانتورۇغ كۆرۈش

ياۋا ئات مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتى سېتىش مەركىزى ھەر كۈنى 10 دانە 1 يۈەنلىك كۆرۈش بېلىتىنى يولغا قويدى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى «چىلانتورۇق بازىسى» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق 1 يۈەنلىك بېلەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ 4-ئايدا يېڭىدىن يولغا قويغان ئېتىبار بېرىش يۈرۈشلۈكىمۇ ئىنتايىن ئەرزان بولۇپ، قوش كىشىلىك بېلەت پەقەت 138 يۈەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەپس خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلىنىدۇ؛ ئىككى چوڭ ئادەم بىلەن بىر كىچىك بالا (18 ياشتىن تۆۋەن) ئائىلە يۈرۈشلۈك ساياھىتى 158 يۈەن بولۇپ، بويى 1.2 مېتردىن تۆۋەن بالىلارغا بىر قېتىم تايچاق مىنىش پۇرسىتى بېرىلىدۇ ۋە بىر دانە سەۋزە سوغا قىلىنىدۇ.

شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر ناراتنى يېرىم باھادا ساياھەت قىلالايدۇ

6-ئايدىن بۇرۇن، شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر يېرىم باھادا ناراتنى ساياھەت قىلالايدۇ، ئىشىكتىن كىرىش بېلىتىگە رايونلار ئارا ئاپتوموبىل بېلىتى قوشۇلۇپ پەقەت 147.5 يۈەن ئېلىنىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدەپ نارات مەنزىرە رايونىغا بارغان شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت رايونىغا كىرسە 200 يۈەن/ئادەم قېتىم ئېتىبار باھادىن بەھرىمەن بولالايدۇ ۋە يېرىم باھادىكى چۈشەندۈرۈش ھەققى بويىچە چۈشەندۈرگۈچى سەپلەپ بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، نارات مەنزىرە رايونى بۇ يىل تۇنجى قېتىم تور چولپانلىرى (تور ئەپ دېتاللىرىدا 50 مىڭدىن كۆپ ئەگەشكۈچىسى بارلار) نى ھەقسىز ئېتىبار بېلىتىنى بىلەن تەمىنلىدى.

كۆكتوقاي ئېتىبار بېرىش سوۋغاتلىرى

4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، كۆكتوقاي «باھار ھىدىدىن ھۇزۇرلىنىپ، باھار پەيزىنى سۈرۈش» ئاساسىي تېما قىلىنغان تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، كۆكتوقايغا ساياھەتكە كەلگەن ھەر بىر ساياھەتچىگە ئېتىبار بېرىش سوۋغىسى بېرىدۇ.

ئېرتىش چوڭ جىلغىسى (ھەر كۈنى بەش كىشىلىك كىچىك ئاپتوموبىلدىن 30 ى) غا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەر ئاپتوموبىلغا پەقەت 200 يۈەن پائالىيەت ھەققى تاپشۇرسىلا بولىدۇ؛ مەنزىرە رايون تارقاتقان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەنلىك ئىسپاتى ياكى ئىشىكتىن كىرىش بىلىتى بىلەن «يىراق مېھمانساراي» نىڭ 118 يۈەن/ئۆلچەملىك ياتىقى، %80 باھادىكى ئېتىبارلىق تاماقتىن بەھرىمان بولالايدۇ؛

بۇغدا كۆلى ئالتە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى

بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونىدا 2018-يىلى ئۆسمۈرلەر (ئوقۇغۇچىلار)، ياشانغانلار، مىيىپلار، ھەربىيلەر، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتى بارلارغا ۋە باشقا كىشىلەر توپىدىكىلەرگە قارىتا ئالتە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. مەسىلەن، 6 ياشتىن كىچىك (6 ياشتىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بوي ئىگىزلىكى 1.2 مېتىردىن تۆۋەن بالىلاردىن كىرىش بېلىتى ۋە رايونلار ئارا ئاپتوموبىل بېلىتى ئېلىنمايدۇ؛ 69-65 ياشقىچە بولغان ياشانغانلاردىن كىرىش بېلىتى، رايونلار ئارا ئاپتوموبىل بېلىتى ھەققى يېرىم باھا بويىچە ئېلىنىدۇ؛ 70 ياش ۋە 70 ياشتىن چوڭ ياشانغانلاردىن كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ، رايونلار ئارا ئاپتوموبىل ھەققىي يېرىم باھا بويىچە ئېلىنىدۇ.

تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ مۇشۇ ئايدىكى ئىشىكتىن كىرىش بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىدۇ

مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن، تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى ئىشىكتىن كىرىش بېلىتىنى يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدۇ، ھازىر پەقەت 45 يۈەن/ئادەم. 5-ئايدىن تارتىپ، ئىشىكتىن كىرىش بېلىتى ئەسلىدىكى 75 يۈەن/ئادەم گە ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا 6 ياشتىن كىچىك، بوي ئىگىزلىكى 1.4 مېتىردىن تۆۋەن بالىلاردىن، 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلاردىن، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتى بارلاردىن كىرىش بىلىتى ئېلىنمايدۇ.