2018-يىلىنىڭ 1-پەسلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 37 مىليون 605 مىڭ 800 كىشىگە يەتتى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-13 17:49

2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 37 مىليون 605 مىڭ 800 كىشىگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 551 مىڭ 200 كىشى ئاشتى.

مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 4 مىليون 806 مىڭ 200 غا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 5 مىليون 906 مىڭ 800غا، ئاساسىي داۋالىنىش سوغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 19 مىليون 271 مىڭ 800 غا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 2 مىليون 368 مىڭغا، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 2 مىليون 626 مىڭ 700 غا، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 2 مىليون 626 مىڭ 300 غا يەتكەن.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ 1-پەسلىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش» ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «2020-يىلىغىچە تۈرلۈك سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىش نىسبىتىنى تىرىشىپ %95 تىن ئاشۇرۇش» تىن ئىبارەت ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلەرنى زىچ چۆرىدەپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش بويىچە ھەق تۆلەش مېخانىزمى بەرپا قىلغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش بوغالتىرى ۋاڭ ۋېي مونۇلارنى تونۇشتۇردى: 2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشتا «قوش تولۇق قاتناشتۇرۇش»، قوش ھەمتۈرتكە بولۇش، كۆپ ھەمكارلىق بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش مېخانىزمىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا نوپۇسلارنى نوپۇس تەۋەلىكىنى ئاساس قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، قاتناشمىغانلارنى مەمۇرىي كەنتنى بىرلىك قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتناشتۇرىدۇ؛ شەھەر نوپۇسلارنى دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنى ئاساس قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، قاتناشمىغانلارنى مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتناشتۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشقا ھەمتۈرتكە بولۇش كۈچەيتىلىپ، ئاھالىلەرنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش ھەمدە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ۋاقتىدا قاتناشتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئاممىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە قاتلاملار ئارىسىدىكى ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش ۋە كەسىپنى ماسلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئىدارە ۋە خادىملار توغرا بېكىتىلىپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچى سەپەرۋەر قىلىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك يېڭى مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: 2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئوخشىمىغان كىشىلەر توپى، ئوخشىمىغان ئوبيېكتلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، دائىرىنى كېڭەيتىشتە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى، ئوقۇغۇچىلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەخسۇس ھەرىكىتى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەخسۇس تۈرى، ئىجتىمائىي سوغۇرتا سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان تۈرلۈك ئورۇن ۋە خادىملارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ.

ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن قىيىنچىلىقى بارلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا قارىتا ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «قىيىنچىلىقى بارلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ھېساباتى تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ».