شىنجاڭ سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-14 17:27

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى بولغان چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۈپەتلىك، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، گۈرۈچنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى داڭلىق ماركا ئوبرازىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. بۇ ناھىيە سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز سىرتقا چىقىرىپ، ياخشى باھادا ساتتى.

ئىلى دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۇ، تۇپراق، قۇياش نۇرى بايلىقىدا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ ئاساسلىق شال ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ بىرى. بۇرۇن، يەرلىكتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەن ھەم بىرلىككە كەلگەن داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرەلمەي، چاپچال گۈرۈچىنىڭ بازار باھاسى ئەرزان بولۇپ قالغان ئىدى.

شىنجاڭ 2017-يىلى زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇغراپىيەلىك بەلگىسىدىن ئىبارەت ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە تولۇقلىما سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى گۈرۈچ كارخانىلىرىغا ئىجازەت بېرىش، بىر تۇتاش بەلگە ئىشلىتىشنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ساندىن سۈپەتكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىغا تۈرتكە بولدى.

2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددەت ئىچىدىكى ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە مەھسۇلاتى 130 غا يەتتى. بۇ يىل شىنجاڭدىكى ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگىنىڭ مۇھىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش كۆلىمىنىڭ يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 تىن ئاشتى.