شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسى گەمە كەنتىدىكى ئايال ياچېيكا شۇجىسى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-09 12:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيەسى گەمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يۈەنمىن تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

2011-يىلىدىن ئىلگىرى گەمە كەنتى يەنىلا غۇلجا ناھىيەسىدىكى داڭلىق «كەينىدە قالغان كەنت»، «پۇچەك كەنت» ئىدى، مۇھىتى ناچار، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان ئىدى. 2011-يىلى 3-ئايدا، لى يۈەنمىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، لى يۈەنمىن كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سامساق، كۆكتات تېرىشقا، قوي كالا بېقىشقا يېتەكلىدى. لى يۈەنمىن قاتارلىق كەنت كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. شۇ يىلى «بوشاڭ، چېچىلاڭغۇ» بولغان گەمە كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتىمۇ يېڭى تۈسكە كىردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەمە كەنتى ئاھالىلىرى ئارقا - ئارقىدىن چىرايلىق ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىردى؛ پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدى. كەنتتە يەسلى قۇرۇلدى.

2017-يىلى، لى يۈەنمىن پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. ئۇ نەتىجىسى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر بىزگە پۇرسەت ۋە كۈچ ئاتا قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن 19-قۇرۇلتايدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا ماڭغۇزىمىز.