شىنجاڭ 3 يىلدا كۆك نامرات رايونلاردىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-11 16:36

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىدىكى كۆك نامرات رايونلاردىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 3 يىلدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەكچىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سىياسەت ياردىمىگە ئېرىشىپ، مۇناسىپ تەربىيەلىنىش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تۈزگەن «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىدىكى كۆپ نامرات رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە (2018-2020-يىلغىچە بولغان) پىلانى» يېقىندا رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى 22 كۆك نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېرىلگەن نامرات نوپۇسقا مەركەزلەشتى. تەربىيەلەش تۈرلىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە تەربىيەلەش، تېخنىك ئىشچىلىقىغا تەربىيەلەش، يۇقىرى ماھارەت ۋە باشقۇرۇش ئورنى بويىچە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۆت تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرى __ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى، ئىگىلىك تىكلەش ئويى بار ھەمدە ئىگىلىك تىكلەش شەرتىنى ھازىرلىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى، تېخنىك مەكتەپلىرى قاتارلىق كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار بولىدۇ.