شىنجاڭنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزى زىيانلىق جانلىقلارنىڭ كىرىشىنى قاتتىق توستى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-19 16:57

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالاتاۋ ئېغىزى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يولى ئېغىزى، شۇ جاينىڭ تاموژنا تارماقلىرى زىيانلىق جانلىقلارنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن نازارەت ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

ئالاتاۋ ئېغىزى تاموژنىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە ئالاتاۋ ئېغىزى تاموژنىسى ئۆسۈملۈك ۋە باشقا مەھسۇلاتتىن 2888تۈركۈمنى تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 409تۈركۈم ھايۋانات، ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى لاياقەتسىز بولۇپ چىققان، 5376 قېتىم 80 تۈرلۈك زىيانلىق جانلىق تەكشۈرۈپ چىقىلغان.

ئالاتاۋ ئېغىزى تاموژنىسى ھايۋانات،ئۆسۈملۈك، يېمەكلىكنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خې يىنىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرقانچە ئايدا ئالاتاۋ ئېغىزى تاموژنىسىدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقىدىن ئاپتاپپەرەس غولى قارىداش كېسىلى تەكشۈرۈپ چېقىلدى، بۇ خىل زىيانلىق جانلىق ئاساسلىقى ئاپتاپپەرەسنىڭ غول يوپۇرمىقى، بەرگىگە زىيانلىق بولۇپ، ئاپتاپپەرەس مەھسۇلاتىنى ئازلىتىۋېتىدۇ ھەتتا پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋېتىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنداق زىيانلىق جانلىقلارغا قارىتا بىز نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، بۇ ماللارنى يۆتكەپ توشۇشنى پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە تاماملىدۇق ۋە بېكىتىلگەن جايغا توشۇپ بىر تەرەپ قىلدۇق، ئۇنىڭدىن قالغان قالدۇق ماددىلارنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق.

ئادەتتىكى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشتىن باشقا يەنە ئالاتاۋ ئېغىزى تاموژنىسى ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە قويغان تەلەپنى تەدرىجىي ئاشۇردى شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت سىرتىدىكى ئېكسپورت سودىگەرلىرىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى چەتئەلدە تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلغاندا ناچارلىرىنى شاللاش قاتارلىق تەرتىپنى ياخشى قىلىشقا دەۋەت قىلدى شۇنداقلا يېڭى نازارەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مال خەتىرىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەنلىكى ۋە كارخانىلارنىڭ سەمىمىيلىك سەۋىيەسىگە ئاساسەن، تالوننى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق لاياقەتلىك بولۇش ئەھۋالىنى باھالىدى.