شىنجاڭ يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ باھاسىنى بېكىتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-20 17:26

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، كۆپ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرىدە ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش شۇنداقلا تۈرنىڭ باھا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش ، يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كېسىلىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 14-ئىيۇن يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈش ئىككى تۈردىكى باھانى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى قانات يايدۇرغان يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلاردىكى كېسەلنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرى قان زەردابى قالقان بەز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بېكىتىش، فېنىل ئالانىننى بېكىتىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلاردىكى كېسەلنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ تەكشۈرۈش ھەققىنى بىردەك تۈردىكى ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەق ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلاردىكى كېسەلنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرىدىكى قان ئەۋرىشكىسىنى يىغىشقا مەسئۇل داۋالاش ئاپپاراتلىرى يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلار ھامىيسىدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلىش ھەققى،ئەۋەتىش ھەققى قاتارلىق باشقا ھەر قانداق ھەقنى ئالسا بولمايدۇ. يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلاردىكى كېسەلنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش تۈرىدە داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەقسىز سىياسىتىنى يولغا قويغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ياكى ناھىيە، شەھەر،رايونلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ھامىيسىدىن يەنە ھەق ئالسا بولمايدۇ.