قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ قارادۆۋە بازىرىدىكى دېھقانلار ئۈزۈم پەرۋىشى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەندى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-21 17:26


يېقىنقى مەزگىل دەل تەكتىكى ئۈزۈملەرنىڭ ئاق توزغاق كېسىلى، يوپۇرماق سارغىيىش ۋە چىرىش كېسىلىگە گېرىپتار بولۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ قارادۆۋە بازىرى ئېۋىرغول رايونلۇق باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تېخنىك خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈزۈم ئېتىزىدا دېھقانلارغا ئۈزۈم ئاق توزغاق كېسىلى، يوپۇرماق سارغىيىش ۋە چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى.

بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، قارادۆۋە بازىرى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ پۈتۈن بازاردىكى دېھقانلارغا ئىككى قارار نەزەرىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بارغان. كېسەللىك كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلدە، قارا دۆۋە بازىرى يەنە بىر قېتىم تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈزۈم ئېتىزىدا دېھقانلارغا نەق مەيداندا دەرس سۆزلىگەن. ھازىرغا قەدەر، قارادۆۋە بازىرى ئالتە مەمۇرىي كەنتتە ئۈزۈم يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نەق مەيدان تەربىيەلەش كۇرسى تەسىس قىلىپ، 500 دىن ئارتۇق دېھقاننى تەربىيەلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، قارادۆۋە بازىرىدىكى ئۈزۈم تەكلىرىنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 8000 موغا يەتكەن بولۇپ، ئاساسلىق ئاق كىشمىش ئۈزۈمنى ئاساس قىلغان، ئۈزۈم پىشقاندا ھەر مو يەردىن ئىككى توننا ھوسۇل ئېلىش مۆلچەرلەنگەن.