سانجى ئوبلاستى بەش چوڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئىتتىپاقىنى قۇرۇدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-21 18:00

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك ۋە كەسىپ چوڭ ئوبلاستى بولغان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە 1-كەسىپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە مۇھىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە، سۇپا بەرپا قىلىش ئارقىلىق، تەشكىللىك تەرەققىي قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە باشلامچى بولۇش ئۈچۈن، 20-ئىيۇن بەش چوڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئىتتىپاقىنى قۇرۇدى.

بۇ بەش چوڭ ئىتتىپاق-ئايرىم-ئايرىم يەرلىكتىكى تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرىنى باش قىلىپ قۇرۇغان سانجى ئوبلاستىدىكى يۈز كارخانىنىڭ ئالاھىدە، داڭلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئىتتىپاقى، جۇڭشىن گۇرۇھى گوئەن ئۈزۈمچىلىك شىركىتىنى باش قىلىپ قۇرۇغان تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى ئۈزۈم ھارىقى كەسىپ ئىتتىپاقى، نۇڭجىشىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كوپىراتىپىنى باش قىلىپ قۇرغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق مۇلازىمىتى ئىتتىپاقى، شىنجاڭ قۇتۇپى دۆلەت دەرىجىلىك كۆچەت سودىسى بازىرى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ بېرلىن پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى باش قىلىپ قۇرۇغان مايسا يېتىشتۈرۈش، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش كەسىپ ئىتتىپاقى، سانجى ئاشلىق گۇرۇھىنى باش قىلىپ قۇرۇغان بۇغداي پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپ ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بىز كەسىپ ئىتتىپاقى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى، جەمئىيەتلىرى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تەشكىللىك قىلىپ تەرەققىي قىلىپ ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلىشى ۋە سىرتقا سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سەھنە بەرپا قىلىمىز.