شىنجاڭ : «ھاۋادىكى يىپەك يولىنى راۋانلاشتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-23 18:05

بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىياتىدا يارقىن نۇقتىلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى: 30-ئىيۇل ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمدىن ئۇچقان ۋە ئايرودۇرۇمغا قويغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 570 قېتىمغا يېتىپ، ئۇچۇش يولى ھەرىكەت تارىخىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ بوئېن 787 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم غەربىي شىمالغا ماكانلىشىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، قەشقەر قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى سىرتىدىكى ھاۋا لىنىيەلىرىگە سېلىنىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاۋات تىرانسپورتىدىكى ئاساسىي ئايروپىلانغا ئايلاندى؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى يازدا ئەڭ چوڭ كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى بوئېن 777-300ER تىپلىق كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنى كۈتۈۋالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تورلاشقان، ئاپتونوم رايون سىرتىدا شەرق بىلەن غەرب تۇتاشقان» ھاۋا لىنىيەسى تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئاسىيا ياۋروپا قاتناش خەرىتىسىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زىچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ، شەرق ۋە غەرب يۆنىلىشكە ئۇزىراپ، خۇددى بىر جۈپ كېپىنەك قانىتىغا ئوخشاپ كەتتى، شەرقتە ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغا تۇتاشتى.

بۇ يىل يازدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى- لاھور بېرىش- كېلىش لىنىيەسىنى ئاچىدۇ ھەمدە ئۈرۈمچى - ئاستانە بېرىش- كېلىش لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى «بىر بەلباغ، بىر يول»غا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونىدا بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ھاۋا لىنىيەسى تورىنى بەرپا قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارا ھاۋا لىنىيەسىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىپ ۋە كۆپەيتىپ، شىنجاڭ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى شەھەرلەر ۋە ئاسىيا ياۋروپانىڭ كىندىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھاۋا يولىنى ئاچتى.

كەلگۈسىدە، شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارنى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىشى ۋە كۆپەيتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» دىكى يادرولۇق رايون قاتناش تۈگۈنى مەركىزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاۋا يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.