شىنجاڭدىكى 3-ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى رەسمىي ئىشقا كىرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-24 17:28

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 3-ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولغان ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 22-ئىيۇن رەسمىي ئىشقا كىرىشتى.

ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىلگىرى بار بولغان ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»كە ئايلاندى. بۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يەنە بىر مۇھىم ۋاسىتە كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 2.41 كىۋادرات كىلومېتىر. ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جەمئىي 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 31 كارخانىنى جەلپ قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باجدىن خالىي پىششىقلاپ ئىشلەش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، پورت مەشغۇلاتى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونى بەرپا قىلىدىكەن ھەمدە ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ۋە جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا تايىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، رايون بىلەن پورت بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش ھەمدە يۈك توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش تەپەككۇرى بويىچە كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.