شىنجاڭنىڭ ئاۋات ساياھەت پەسىلى باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-25 16:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

800 يولۇچى ئولتۇرغان جىلىن ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى 23-ئىيۇن ياردەمگە ئېرىشىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، گۈزەل چېگرا شەھىرىدىكى سەپىرىنى باشلىدى.

شۇ كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە، يەنە جىلىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان توققۇز قېتىملىق مەخسۇس پويىز ئالتايغا بېرىپ، ئالتە، يەتتە مىڭچە ساياھەتچى سۈرەتتەك گۈزەل ئالتاي شەھىرىنى ساياھەت قىلىدىكەن.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش-شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلى ئابلىز مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن 19 جاي-شىنجاڭنىڭ مۇھىم ساياھەتچى بازىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن نۇرغۇن جايلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭغا بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن نۇرغۇن جايلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى ياكى ھۆددە ئايروپىلانىنى ئىشقا سالدى. ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش-شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچىگە ئايلاندى.

5-ئايدىن تارتىپ، شىنجاڭنىڭ ھاۋاسىنىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى شىنجاڭغا باردى.