شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى باش تېمىلىق يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-26 16:42

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى 25-ئىيۇن جەنۋەدە «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» باش تېمىسىدىكى يىغىننى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم مۇتەخەسسىس، ئالىملار، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بولۇپ 60 نەچچە ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۈزلۈكسىز تېرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى نامرات جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، نامرات نوپۇسنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 2012-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي بىر مىليون 390 مىڭ نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2017-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ مۇكەممەل بولغان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك نامرات نوپۇس ئۇچۇرى ماتېرىيال ئامبىرىنى تارىختا تۇنجى قېتىم قۇرۇپ چىقىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتقۇزۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتقۇزۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ-جۇڭگودىكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى مەزگىلىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا ئاچقان تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ باش تېمىسىدىكى يىغىنى ئىكەن.