يۈز كەنت قوشماق بولۇش پائالىيىتى باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-26 16:52

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «211 ھەرىكەت پىلانى»نى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىش ۋە يۈز كەنت قوشماق بولۇش پائالىيىتى 25-ئىيۇن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە رەسمىي باشلاندى، پائالىيەت ئارقىلىق، ياردەمنى قوبۇل قىلغان 100 نامرات كەنتتىكى 10مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

باشلاش مۇراسىمىدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، كارخانا كەسپى ئورۇنلار، شىنجاڭدىكى جېجياڭ كارخانا (سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى) ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1-دىۋىزىيەسىنىڭ ئارال شەھىرىدىكى 55 نامرات كەنت نەق مەيداندا «جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە قوشماقلىشىپ يار-يۆلەك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ھەر قايسى كۈچلەر جەمئىي 57مىليون 525مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى ۋە قىممىتى 7 مىليون 73مىڭ يۈەنلىك ماددىي-ئەشيا ئىئانە قىلدى.

«211 ھەرىكەت پىلانى»- ئۇچتۇرپان، كەلپىندىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى نامرات ناھىيەنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نۇقتىلىق قوللاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، 20 مىليون يۈەن نامراتلارنى دەل يۆلەش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. «10 شەھەردىكى 100 دۇكان»قۇرۇلۇشىنىڭ توشۇش ھەققىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمى %50 ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «100 كەنتتە مىڭ زاۋۇت»، «ئون مىڭ مو 100مىليون يۈەن» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ماس ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.