شىنجاڭ بۇ يىل ئىچىدە شەھەر يېزىلاردىكى زاكازلىق 1 مىليون 100 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-27 17:14

ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش،نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تۇتقا ، بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن شەھەر ـ يېزىلاردىكى 1 مىليون 100 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى، نامرات ئەمگەك كۈچى، ئىگىلىك ياراتقۇچى كىشىلەر توپىنى زاكازلىق ھەقسىز تەربىيەلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ماھارەت ئۆگىنىپ، ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشى ، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر ـ يېزىلاردىكى 1 مىليون 100 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ، ئىگىلىك ياراتقۇچىلار ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بارلار، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى زاكازلىق تەربىيەلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۆك نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشتاتلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، توقۇمىچىلىق ، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى كەسىپلەر ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمىدە تەربىيەلەش قېلىپىنى ئومۇملاشتۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نىسبەتەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زاكاز بىلەن دېھقانلار ئائىلىسىنى بىرلەشتۈرۈش، تېخنىكا ماھارەت بىلەن ئىگىلىك تىكلەشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زاكازلىق تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ، ئىش ئورنىنىڭ ئېھتىياجىغا تېزدىن ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.