شىنجاڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-29 17:46

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە چىقىمى قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، كۆك نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ داۋالىنىش، ئاساسىي تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىك كاپالىتى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۈچەيتكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ كۆك نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ داۋالاش تولۇقلىما سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 22 كۆك نامرات ناھىيەدىكى 1 مىليون 620 مىڭ نامرات كىشىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ھازىرقى شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر يېزا داۋالاش قۇتقۇزۇش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئاتچوت قىلدى، قالغان قىسمىنى جۇڭگو خەلق مال مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى %95 نى ئاتچوت قىلىپ بەردى.

قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەھەر يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش، يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى، سەرگەردان تىلەمچى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى پائال بىرىكتۈردى. نۆۋەتتە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 4 مىليارد 787 مىليون يۈەن ئاساسىي تۇرمۇش قۇتقۇزۇش مەبلىغى تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا يېتەرلىك تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ 155 مىليون يۈەن قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلارنى بېقىش تولۇقلىمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى مېيىپلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى.

يېزىلاردىكى «تۆت خىل نۇقتىلىق ئوبيېكتىنىڭ» ئاساسىي تۇرالغۇ كاپالىتىگە مەدەت بېرىش جەھەتتە، بۇ يىل فېۋرالدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مالىيەدىن 2 مىليارد 289 مىليون يۈەن مەركەز مالىيەسى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما مەبلىغىنى ئاجراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا 1 مىليارد 930 مىليون يۈەن تولۇقلىما مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %84.3 نى ئىگىلىدى، تۆۋەن تۇرمۇشى كاپالىتى، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار ، نامرات مېيىپ ئائىلىلەر ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس قاتارلىق «تۆت خىل نۇقتىلىق ئوبېكتنىڭ» خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىپ سېلىشقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلدى.