شىنجاڭ تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەمەلىي تەربىيەلەش دۇكىنىنى بەرپا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-30 18:55

شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۇنجى سۇنىن يىگوۋ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەمەلىي تەربىيەلەش دۇكىنى 29-ئىيۇن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە ئېچىلىپ تۇنجى خېرىدارنى كۈتۈۋالدى. بۇنىڭدىن باشقا، سۇنىڭ يىگوۋ جۇڭخۇا ئۆزگىچە سارىيىنىڭ قىزىلسۇ شۆبە سارىيىمۇ شۇ كۈنى تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

سۇنىڭ گۇرۇھى شىنجاڭ رايونىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ۋېنشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سۇنىڭ يىگوۋ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەمەلىي تەربىيەلەش دۇكىنى يەرلەشتۈرۈلگەن شىركەتنى رويخەتكە ئېلىش، نىشانلىق نامرات نوپۇسقا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش، نامراتلارنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، تەربىيەلەپ نامراتلارنى يۆلەشنى شۇ جايدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مەملىكەت بويىچە 14 مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولغان جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ بىرى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جياڭسۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپ گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ بىڭچيەن مۇنداق دېدى: سۇنىڭ يىگوۋ «بىر دۇكان بىر ساراي» تۈرى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، كەسپىي زەنجىرسىمان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ ماركىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، كۆك نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە تاۋارلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى ئېچىشقا پايدىلىق بولۇپ، بازار ئارقىلىق كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

كەينىدىن ئەمدىلا ئېچىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەمەلىي تەربىيەلەش دۇكىنى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى تەربىيەلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆگىنىشى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىش ۋە تىجارەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركا تىجارەت ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش يولىدا مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ.