شىنجاڭدا كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن جەمئىيەت بىرلىشىپ كەنتنى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-01 19:19

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى قاناسنىڭ ساياھەت ئاۋات مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، تاغ باغرىدىكى قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمان ئوراپ تۇرغان قىزىلخايىن كەنتىمۇ شاد خۇراملىققا چۆمدى، دېھقان چارۋىچىلار ئۈزۈلمەي كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدى.

قىزىلخايىن كەنتى بۇرچىن ناھىيەسىدىن قاناسقا بارىدىغان مەنزىرە رايونى تاشيول لىنىيەسىدە بولۇپ، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا بېرىشتىكى ئۆتە يول ؛ كەنت جىلغىسىدىكى قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمان، ئاق قىيىن ئورمىنى تەبىئىي مەنزىرە رايونى ئىنتايىن گۈزەل. بىراق بۇ يەردە ئادەم كۆپ يەر ئاز بولۇپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش قىيىن. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى مەنزىرە رايوننىڭ ئىككىلەمچى كۈتۈۋېلىش بازىسى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يېرلىك زىيابان بۇ پىلاننى يولغا قويۇشنى باشلىغان ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دەسلىپىدە قىيىنغا توختىدى، پۇقرالارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتەلمەي، ئاشخانا سايمانلىرى، يوتقان كۆرپە قاتارلىق 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سېلىنمىنى قايتۇرىۋالماسلىقىمدىن ئەنسىرىدى.

ئۆتكەن يىلى قىزىلخايىن كەنتى ياچېيكا بىلەن جەمئىيەت بىرلىشىش شەكلىدىكى قىزىل يوپۇرماق ئورمىنى ئۆرپ ئادەت ئائىلە زىيارىتى جەمئىيىتى قۇردى. جەمئىيەت يەتتە پارتىيە ئەزاسى ۋە توققۇز ئاممىدىن تەشكىللەندى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ كەسپى خادىملارنى جەمئىيەتكە ئەزا بولۇپ ئاشپەزلىك، كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار جەھەتتىن تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ساياھەتچىلەر مەنبەسى بىلەن ئالاقىلەشتى، ساياھەتچىلەرنى بىر تۇتاش ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، قىزىل يوپۇرماق ئورمىنى ئۆرپ ئادەت ئائىلە زىيارىتى جەمئىيىتى ئالتە مىڭدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

يېقىندا قىزىلخايىن كەنتىدىكى 21 دېھقان چارۋىچى ئائىلىسى قىزىل يوپۇرماق ئورمىنى جەمئىيىتىگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. ھازىر تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى كۆپلىگەن ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك ئامال چارىلەر بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەۋزەل بايلىقىنى ئېچىپ، دېھقان چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

قىزىلخايىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يېرلىك مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ياچېيكا بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلىشىش شەكلىدە كەشتىچىلىك كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى زېھنى ئۆتكۈر-قولى ئەپلىك ئاياللارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەشكە جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە قازاقلارنىڭ ئۆزگىچە قول كەشتە بۇيۇملىرىنى سېتىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكچى.